FIFA يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى نامزاتلار تىزىملىكىدىكى سىز

admin 知识问答 2024-02-18 40 0

  

  نۇر تورى تەرجىمىسى:

  FIFA ئورگان تورىدا دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىنىڭ 55 كىشىلىك نامزاتىنى ئېلان قىلدى، بۇ نامزاتلار قاتارىغا ئاللىقاچان كوماندىدىن ئايرىلغان پېپې باشچىلىقىدىكى 13 نەپەر خانلىق مادرىد توپچىسى تاللاندى، شۇنداقلا بۇ مۇكاپات يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى بىر كوماندىدىن ئەڭ كۆپ توپچى تاللانغان رېكورتنى بارلىققا كەلتۈردى. خەلقئارا كەسپىي پۇتبولچىلار تەنھەرىكەت كومىتېتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كەسپىي پۇتبولچىلارنى باھالىغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، 2016-2017-مۇسابىقە پەسلىدىكى ھەرقايسى ئورۇندىكى ئىپادىسى ئەڭ قالتىس توپچىلارنى باھالاپ چىقىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا 55 نامزاتتىن بىر قاپقىچى، تۆت بېك، ئۈچ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ۋە ئۈچ ھۇجۇمچى تاللاپ چىقىلىدۇ.

  

  بۇ قېتىم 25 مىڭدىن ئارتۇق كەسپىي پۇتبولچىلار بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرىشكەن 55 نامزات تاللاپ چىقىلدى. FIFAنىڭ 2016-يىللىق مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە نويېر، ئالۋېس، پىك، راموس، مارسېلو، ئىنېستا، كروس، مودرىچ، سۇئارېز، مېسسى ۋە رونالدو تاللانغان، ئۇنداقتا بۇ قېتىم قايسى توپچىلار تاللىنىدۇ؟ ئۇنداقتا بىز بىرلىكتە بۇ يىللىق FIFA ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە تاللانغان نامزاتلارنىڭ بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە رېكورتلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.

  1. بۇ قېتىملىق نامزاتلار تىزىملىكىگە خانلىق مادرىدتىن 13 نەپەر توپچى تاللىنىپ، يېڭى رېكورت ياراتتى. ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد بۇ تۈردىكى رېكورتنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىغا خېلى بولدى، 2014-يىلى ۋە 2015-يىلى خانلىق مادرىدتىن نامزاتلار قاتارىغا 12 نەپەر توپچى تاللانغان. بۇ قېتىم خانلىق مادرىدتىن 13 نەپەر توپچى تاللانغان بولسىمۇ، بىراق بۇ تىزىملىكتىكى پېپې بۇ يىل يازدا كوماندىدىن ئايرىلدى.

  2. بۇ قېتىملىق 55 نامزات ئىچىدە توققۇز توپچى تۇنجى قېتىم نامزاتلار قاتارىغا تاللاندى، ئۇلار بولسا ئوبلاك، ئۇمتىتى، ۋالېنسىيە، كاسمېرو، كوتىنھو، ماتىچ، خاررى كېن، لۇكاس ۋە مىباپپې.

  3. ئالدىنقى يىلى نامزاتلار تىزىملىكىدىن چۈشۈپ قالغان ئۈچ توپچى بۇ قېتىم تىزىملىككە قايتىپ كەلدى، ئۇلار تىياگو، ئىسكو ۋە كاۋانى.

  4. ئالدىنقى يىلى نامزاتلىققا تاللانغان 12 توپچى بۇ قېتىم تىزىملىككە كىرەلمىدى، ئۇلار بىراۋو، ئاۋرېر، بېللېرىن، خاۋى ئالونسو، دېبرۇينى، پايېت، راكىتىچ، سىلۋا، ئاگۈيرو، ھىگۇايىن، موللېر، ۋاردىي.

  5. بۇ قېتىم نامزاتلار قاتارىغا كىرەلمىگەن خاۋى ئالونسو 2011-يىلى ۋە 2012-يىلى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە تاللانغان. بىراق ئىسپانىيەلىك بۇ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ئالدىنقى پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پۇتبولچىلىقتىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

  6. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى توپچى 2004-2005-مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ ھەر يىلى بۇ تىزىملىكتىن چۈشۈپ قالمىغان، بۇ ئىككى توپچى دەل كىرىستىيانو رونالدو بىلەن بۇففون.

  7. ئاسىيا قىتئەسى ۋە ئافرىقا قىتئەسىدىكى توپچىلار ئەزەلدىن 55 كىشىلىك نامزات قاتارىغا كىرىپ باقمىغان، چۈنكى ئۇلار يېتەرلىك بېلەتكە ئېرىشەلمىگەن.

  8. بۇ 55 كىشىلىك نامزاتتىكى توپچىلار 20 نەچچە دۆلەتتىن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىسپانىيەلىك توپچىدىن توققۇز نەپەر، فرانسىيە ۋە بىرازىلىيەلىك توپچىلاردىن يەتتە نەپەردىن بار.

  9. لام بۇ نامزاتلار قاتارىغا تاللانغان بىردىنبىر ئالدىنقى پەسىل چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان توپچى.

  10. خەلقئارا كەسپىي پۇتبولچىلار تەنھەرىكەت كومتىتى ۋە خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بېلەت تاشلاش قائىدىسىنى ئۆزگەرتكەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى توپچىلارنىڭ بىر يىللىق ئىپادىسى ئاساس قىلىنغان، ھازىر بولسا ئالدىنقى يىلى 8-ئايدىن بۇ يىل 6-ئايغىچە بولغان ئىپادىسى ئاساس قىلىنغان.

  11. بۇ FIFAنىڭ 13-نۆۋەتلىك يىللىق مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىنى باھالىشى بولۇپ، بۇنى خەلقئارا كەسپىي پۇتبولچىلار تەنھەرىكەت كومتىتى 2005-يىلى يولغا قويغان، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 2009-يىلىدىن باشلاپ بۇ مۇكاپاتنى باھالاشتا ھەمكارلاشقان.

  

FIFA يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى نامزاتلار تىزىملىكىدىكى سىز

FIFA يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى نامزاتلار تىزىملىكىدىكى سىز

评论